4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 30-ئاۋغۇست سائەت 9:00 دا خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش كاتىپى لى جىڭيۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 1-سېنتەبىر رەسمىي باشلىنىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرى پۈتتى، «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» بۇ يىللىق جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى. بىرىنچى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشنىڭ خەرىتىسىنى بىرلىكتە سىزىدۇ. ئىككىنچى، باش مۇنبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئالىي مۇنبەرلەر «بەش ئالاقە»نى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلىشىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۈچىنچى، دۇنيادىكى بەش قىتئەدىن كەلگەن نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. تۆتىنچى، قاتناش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭ ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان كەسپلەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى نامايەن قىلىنىدۇ. بەشىنچى، ساراي، شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدىكى زور قىزغىنلىقى ئىپادىلىنىدۇ.