باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى يېڭى ئۈچ ماگناتنىڭ بارلىققا كېلىشى قانداق سىگنال بېرىدۇ؟

2014.09.02 10:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا كادىرلار ئىشلىرى مەسىلىسىدە ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، پولشا زۇڭلىسى دونالىت تۇسىك يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدىرىكا مۇگايلىنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىللىكىگە سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن بۇندىن بۇرۇن لۇكسىمبۇرگنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بولغان جۇنكېرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇشى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئۈچ ماگناتنى سايلاپ چىقىلدى.

  ھەممىگە مەلۇمكى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە زۇڭتۇڭ، زۇڭلى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا ئوخشاش ئۆتەيدۇ، بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىستېمىسىدا ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە ئۈچ مۇھىم ئورۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ.

  نۆۋەتتىكى ئۈچ چوڭ ماگنات بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈچ ماگناتتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى شەرق غەرب تەڭپۇڭلىقى، ئوڭ سول تەڭپۇڭلۇقى ئىپادىلەندى، بريۇسسېلنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى شەرق غەرب تەڭپۇڭلىقى دېگىنىمىز تۇسىكتا تىپىك نامايان بولدى. تۇسىكنىڭ سايلىنىشى شەرقىي ياۋروپالىق رەھبەرنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئېلىشى، شەرقىي ياۋروپالىقنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئۈچ چوڭ ئورگىندىكى تۇنجى رەھبىرى بولۇپ قالدى. بۇ شەرقىي ياۋروپانىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ بەلگىلىك ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئوڭ سوڭ تەڭپۇڭلۇق دېگىنىمىز مۇگايلىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىدە ئىپادىلەندى. جونكېر بىلەن تۇسىك بىردەك ئوتتۇرا ئوڭ قاناتلار گۇرۇھىدىن بولغاچقا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىچىدىكى سول قاناتلار تامامەن رازى بولمىدى، شۇڭا يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىر نامزاتى ئارقىلىق ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇھلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئوڭ قاناتلار بىلەن سول قاناتلارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا سول قاناتلاردىن كېلىپ چىققان مۇگايلىنى تەبىيلا بىر مۇۋاپىق نامزات بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ 70-يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇگايلىنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىتالىيەدىكى ئەڭ ياش دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ، مەيلى ياش ياكى جىنس جەھەتتىن بولسۇن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇردى.يېڭى ئۈچ ماگناتنىڭ بارلىققا كېلىشى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىنىڭ ياۋروپا كېڭىشى ئىشلىرىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن. جونكېر ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ياۋروپادىكى پېشقەدەم سىياسىيون، ئۇ ئىلگىرى 18 يىل لۇكسىمبۇرنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، ياۋروپادا ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۆكۈمەت رەھبىرى، غەرب ئەللىرىدە ئەڭ ئۇزاق ۋەزىپە ئۆتىگەن رەھبەرلەرنىڭ بىرى. ياۋروپا قەرز كىرزىسى مەزگىلىدە جونكېر ياۋرو گۇرۇھىنىڭ رەئىسى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى.تۇسىك 2007-يىلى نويابىردا پولشانىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن بۇيان، 1989-يىلىدىن ئېتىبارەن پولشادا ئەڭ ئۇزۇن زۇڭلى بولغان ۋە تۇنجى ئۇدا زۇڭلىلىققا سايلانغان رەھبەر بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا پولشانىڭ شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى تەسىر كۈچىنى قوشقاندا تۇسىكنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سۆزىنىڭ سالمىقى بار.ھەممىدىن مۇھىمى جونكېر بىلەن تۇسىكنىڭ ھەر ئىككىسى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۈرتكۈچىلىرى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇلار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورگىنىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىنىڭ ھوقۇقى بوش قېلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاش ۋەزىيىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن.

  ئەمما، يېڭى ئۈچ چوڭ ماگنات دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپىمۇ ناھايىتى مۇھىم، سىياسىي جەھەتتە، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قوزغىغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى، رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەت، ئېنېرگىيە بىلەن سودا مەسىلىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىسى، ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش سادالىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتە ياۋروپا قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەرقىي ياۋروپا بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ۋە جەنۇبنىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ پەرقىنى قانداق قىلىپ كىچىكلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ قالدى، خەلقئارا جەھەتتە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، رۇسىيە مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، ئىراق ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق تېررورلۇق كۈچلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۆھپە قوشۇشىغا مۇھتاج. شۇنداق بولغاچقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئورگىنىدا ھوقۇق تۇتىدىغان مۇگايلىنىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىسى ئېغىر.

  جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەھەتتە، جونكېر بىلەن تۇسىك ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ھەر ئىككىسى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ماختىغان، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، جونكېر بىلەن تۇسىك ئەمەلىي مەيدان قوللىنىدۇ. كىشىلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر