باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارا تەنلىك بىر ياشنىڭ ئېتىۋېتىلىشى ئامېرىكىنىڭ سىياسى تۈزۈمىدىكى نۇقسانلارنى ئاشكارىلاپ بەردې

2014.09.02 10:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىق ساقچى تەرىپىدىن ئىتىۋېتىلگەن 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش مەككىر بروۋىننىڭ دەپنە مۇراسىمى مىسسۇرى شىتاتى سان لۇئىس شەھىرى فېرگوسون رايونىدىكى بىر چىركاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە مىڭ كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى. فېرگوسون قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلغان «ئوق پىلتا» گەرچە پەسكۈيغا چۈشكەندەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇق تەسىرى تېخى تىنجىمىدى.

  بۇ ئاق تەنلىك ساقچى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان بىرۇۋىنغا ئالتە پاي ئوق چىقارغانىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ئەيىبلەندى، ھەتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ بۇنى ياقتۇرمىدى شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ قۇرالنى قالايمىقان ئىشلىتىشىكە ھەر قانداق باھانىسى يوق، دەپ ھېسابلىدى.

  جامائەتلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىروۋىنغا ئوخشاش ساقچىلار تەرىپىدىن ئىتىۋېتىلىش ۋەقەسى ئامېرىكىدا پات پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىرقى كەمسىتىش مەسىلىسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، فېرگوسوندىكى قالايمىقانچىلىقمۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس، يەنە ئامېرىكىنىڭ سىياسى، ئەدىلىيە، ئىقتىساد قاتارلىق تۈزۈم جەھەتتىكى سەۋەبلەرمۇ بار.

  سىياسىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ «دىموكراتىيە» تۈزۈمى قاراتەنلىك قاتارلىق ئاجىز توپنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

  ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى كەمسىتىش مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن. ئاق تەنلىك ئىكىنزارلىق خۇجايىنلىرى قاراتەنلىكلەرنى قۇل قىلىپ ئېزىش، ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ ھىندىئانلارنى بۇلاڭ تاراج قىلىشى، ئاساسىلىق جەمئىيەتتە جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى چەتكە قىقىش قاتارلىق ئىرقى كەمسىتىش ئامېرىكا تارىخىدىكى داغلار. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئىرقى زىددىيەت بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيدى، ئەمما شەكىللىك ۋە شەكلسىز كەمسىتىش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

  ئەمەلىيەتتە ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارمۇ سىياسىيغا قاتنىشىپ سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ھەمدە ئوباماغا ئوخشاش ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقتى. ئەمما ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇشى بىر ئىش ، ئۇلارنىڭ سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىشى يەنە بىر ئىش، ھەمدە كۆپىنچە ھاللاردا بۇ پەرقلىق.

  ئەدىلىيە جەھەتتىن قارىغاندا، ئادىل كۆرۈنگەن ئامېرىكىنىڭ ئەدىلىيە تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە پۇلدارلار بىلەن نامراتلارغا قارىتىلغان پەرقلىق مۇئامىلە.

  ئامېرىكا ئاتالمىش «قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر» دېدى، ئەمما پۇلى بارلار بىلەن نامراتلارنىڭ ساقچىلار ۋە سوتچىنىڭ ئالدىدىكى ئىمتىيازى ئوخشاش بولمىدى. ئامېرىكا ساقچىلىرى ئاتالمىش «ھەققانىي مۇداپئەلىنىش» دېگەن بانا بىلەن ئۆزىنىڭ نامراتلار، كوچىلاردىكى نامايىشچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىگە سەۋەپ تېپىپ، دائىم قانۇننىڭ سىرتىدا يۈردى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دەۋر» ژۇرنىلىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ساقچىلار ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قىلغان نىشاننى تاللىغاندا قارشى تەرەپنىڭ قايسى ئىرقتىكى ئىكەنلىكىگە ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارايدىغىنى ئېبىولا ۋېرۇسى يۇقۇمىدىنمۇ بەكرەك ئېچىنىشلىق بولغان نامراتلىق.

  قارا تەنلىكلەر ئارىسىدا نامراتلار ئاق تەنلىكلەردىن خېلىلا كۆپ. ئامېرىكىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 400 كىشى ساقچىلار بىلەن پۇقرالارنىڭ توقۇنۇشىدا قازا قىلىدۇ، 4 دەن 1 قىسىمغا يېقىن كىشى ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىگە چېتىشلىق.

  ئىقتىساد جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلار ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان قارا تەنلىك قاتارلىق نامراتلاركەن.

  ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئاۋاتلاشقاندا، قارا تەنلىكلەر بىللە نەپكە ئېرىشىدۇ، تۇرمۇشى بىر قەدەر ياخشىلىنىدۇ، ئەمما ئىقتىساد كەينىگە چېكىنگەندە، قارا تەنلىكلەرنى ئالدى بىلەن نەس باسىدۇ. نىيۇ يورك يېڭى ئىنىستىتۇت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد پروفىسسورى داكرى خامېلتوننىڭ سانلىق مەلۈماتىغا قارىغاندا، 2007-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتىلاشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمى 135 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، رەڭلىك ئىرقتىكىلەرنىڭ 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. پەرق ئىنتايىن زور. ئەمما كىرىزىستىن كېيىن، بۇ پەرق ھەسسىلەپ زورىيىپ كەتتى. نۆۋەتتە قارا تەنلىك نوپۇسنىڭ نامراتلىق نىسبىتى تەخمىنەن %25 كە يەتتى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىككىدە ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. كىرىم ئازىيىش، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئامىللار ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى ۋە ئىرقى زىددىيەنى ئاشۇرۋەتتى.

  ئامېرىكا دائىم ئۆزىنىڭ تۈزۈمىنى شۇنداق ئەۋزەل، باشقا دۆلەتمۇ شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك دەپ جار سالىدۇ، ئەمما فېرگۇسون مالىمانچىلىقى ئامېرىكىنىڭ تۈزۈمىدىكى نۇقسانلارنىمۇ ئەسلى قىياپىتى بويىچە ئاشكارىلاپ، ئادەتتە باشقا دۆلەتلەرنى كەلسە كەلمەس ئەيىبلەيدىغان ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئېغىزىنى يۇمدى. قارىغاندا، ئامېرىكا باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشى، بولمىسا دۇنيا كىشىلىرى ئالدىدا كۈلكە قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر