باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نەۋئاباد تاجىك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى تەبرىكلەندى (1)

2014.09.01 14:07   مەنبە: خەلق تورى

نەۋئاباد تاجىك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى تەبرىكلەندى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى: 2014-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇما ناھىيە نەۋئاباد تاجىك مىللىي يېزىسىدا ئۆزگىچە بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار يارىشىملىق كىيىنىپ، رەتلىك تىزىلىپ، تاجىك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شاد-خۇراملىققا چومگەن ھالدا پائالىيەت مەيدانىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

  تەكلىپكە بىنائەن ناھىيە رەھبەرلىرى، ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن كادىرلار، يېزىدىكى تۆت پىشقەدەملەر، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، ھەر مىللەت ئاممىسىدىن 1000 دىن كۆپرەك كىشى جەم بولدى. يېزىنىڭ پاكىز موھىتى، گۈزەل تاغ-دەريالىرى، كېلىشكەن، قامەتلىك، خۇشچاخچاق تاجىك ئوغۇل- قىزلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىپ سەپ تۈزگەن ئىدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلانغانلىقى جاكارلىنىشى بىلەن مەيداندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈلدىراس-ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. پائالىيەتتە گۇما ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، نەۋئاباد تاجىك مىللىي يېزىلىق ئەل-نەغمە سەنئەت ئۆمىكى ۋە مەكتەپ سەنئەت كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، پارتىيە، ئانا ۋەتەن، بەختلىك تۇرمۇش كۈيلەنگەن ھەر خىل ژانېردىكى قىزىقارلىق، نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، يېزا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق تويىغا تەنتەنە قىلىشتى.

  سۈرەتتە: تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتيازلىق تەتىلنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدى
      ·شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ
      ·پەرۋەردىگار بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي
      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ