باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان نامايىشچىلىرى زۇڭلى مەھكىمىسىنى قورشىۋالدى

2014.09.02 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان زۇڭلى شەرىفتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى زوراۋانلىق توقۇنۇشىغا ئۆزگەرگەن، ئەمما پاكىستان ئارمىيىسى 31-ئاۋغۇست توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئارمىيەنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشلەتمەيمىز دېدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن نامايىشچى شەرىفنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرمەكچى بولغان، ئەسلىدىكى تىنچ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيىتى بىر كېچىدىلا جانغا زامىن بولىدىغان قارشىلىشىشقا ئايلىنىپ قالدى. ساقچى دائىرىلىرى ياش ئاققۇزىدىغان گاز ۋە كاۋچۇك ئوق ئارقىلىق نامايىشچى ئاممىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسىدى. توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 3 نامايىشچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، يەنە 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ساقچىلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ غەزىۋىنى يەنىمۇ قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر