باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلورۇسىيە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى

2014.09.02 10:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بېلورۇسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي چىمىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بېلورۇسىيە جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتە ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، شەرقتە رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت 170 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ بازار بىلەن تۇتۇشىدۇ. غەربتە لىتۋا ۋە پولشا قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا ئۇكرائىنا بىلەن قارا دېڭىزغا قارىشىپ تۇرىدۇ. ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتىدىغان مۇھىم يول. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 9-ئايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېلورۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە كارخانا ساھەسىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا سازاۋەر بولدى. مەن بېلورۇسىيىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم ھالقا دەپ قارايمەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى خەۋەر قىلىش ئۆمىكىدە 26 كىشى بار بولۇپ، ئۇلار شىئەندىن يولغا چىقىپ، قازاقىستان ، رۇسىيىدىن ئۆتۈپ، 28-ئاۋغۇست بېلورۇسىيىگە كىرىپ، زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى. باش ئەلچى سۈي چىمىڭ زىيارەت ئۆمىكىگە بېلورۇسىيىنىڭ ئاساسى دۆلەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سۈي چىمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 22 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر ساغلام مۇقىم راۋاجلاندى. 2013-يىلى 7-ئايدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلورۇسىيە زوڭتۇڭى لۇكاشىنكو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يېڭى سەۋىيىسىگە ئۆستۈرۈشنى جاكارلىدى. 2014-يىلى 1-ئايدا بېلورۇسىيە زوڭلىسى مىياسنىكوۋىچ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ زۇڭلى لى كېچياڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىلانىنى جاكارلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتا كەمتۈكلىرىنى تولۇقلاشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. بېلورۇسىيە بىر قەدەر يۇقىرى پەن تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە. چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودا ياخشى بازار ئىستىقبالىغا ئىگە. جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىش داۋامىدا مەبلەغ ، ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا ، باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى جۇغلىدى. بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە يوشۇرۇن كۈچى زور. شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ھازىر تەخمىنەن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. جۇڭگو بېلورۇسىيىنىڭ 5-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان . ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئىكەن. كونا ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئۆزگەرتىش، چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، تۆمۈر يوللارنى ئېلېكترلەشتۈرۈش ، تاشيوللارنى كېڭەيتىش، شېرىكلىشىپ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش، چوڭ تىپتىكى مېھمانساراي ۋە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويغان ھەمدە كۆپ تۈرلەردە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېلورۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن.

  سۈي چىمىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بېلورۇسىيىنىڭ ياخشى سىياسىي ۋە ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ۋە بېلورۇسىيىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى غەربكە ئۇزارتىشقا ياردەم بېرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىل 19-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن سودىگەر چاقىرىش كۆرگەزمە مەركىزىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت باغچىسى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 91.5 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خەلقئارادىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق قېلىپى، ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىنىڭ بىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نەزەر سېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇنداقلا بېلورۇسىيىنىڭ ئېلېكترون تېخنىكىسى ، بىئو دورا، يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق يۇقىرى پەن تېخنىكا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى سىناق رايون.

  سۈي چىمىڭ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى نىشانىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋە پىلانلاۋاتقان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرگەندە ياخشى ئۈنۈم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىغا يەتكۈزۈپلا قالماستىن ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر