باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

2013.07.02 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىن تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان دېگەن خەۋەرلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ۋە بېريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئامېرىكا خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا 29-ئىيۇن ئامېرىكا «پرىزىما» ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىغۇچىسى سنودىندىن ئېلىنغان «يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىي ھۈججەت»نىڭ قىسمەن مەزمۇنى بېسىلدى. ھۈججەتتە كۆرسىتىلىشىچە: ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى شۇنداقلا ۋاشىنگىتوندىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدىكى ئىمارەتلەرگە نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ۋە مەخپىي تىڭشىغۇچ ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى قىسىم كومپىيوتېر تورىغا سىڭىپ كىرگەن، بۇنداق تىڭشىغىلى ۋە تورغا سىڭىپ كىرگىلى بەش يىل بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە