باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى

2013.07.02 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى 30-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىگە جايلاشقان كۇيدا شەھىرىدىكى بىر دىنى مەكتەپنىڭ مەسچىتىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 28 ئادەم قازا قىلدى، 60 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى.

  كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دىنى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى مەسچىتتە ناماز ئۆتەپ بولۇپ، مەسچىتتىن چىقماقچى بولغاندا ئايالچە كىيىنگەن ۋە ياغلىق ئارتىۋالغان بىرەيلەن يېنىدىكى بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتقان.

  پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى، باش مىنىستىرى شېرىف بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەم قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سورىدى. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە