- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«2013-يىللىق شىنجاڭ سۇ بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى» كۈنەس ناھىيەسىدە ئېچىلدى
2013.07.02 15:08 مەنبە: خەلق تورى
28-ئىيۇن شىنجاڭ سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ۋە كۈنەس ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ، سۇ بوياق سەنئەتكارلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزەەن «2013-يىللىق شىنجاڭ سۇ بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى» كۈنەس ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سەنئەتكارلار جەمئىيىتىدىكىلەر 2013-يىللىق «مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەش» كۈنەس چوڭ دەرسخانا پائالىيىتى باشلاندى.ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى «رەڭدار نارات»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدىكى رەسساملارنىڭ 80 پارچە سۇ بوياق رەسىمىنى يەتتە كۈن كۆرگەزمە قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە