- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قىسقا خەلقئارا خەۋەرلەر
2013.07.02 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىر يۈرۈش قىسقا خەلقئارا خەۋەرلەر:
* پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پىشاۋۇر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا 30-ئىيۇن بىر بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئاپتوموبىل كالونى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەردى، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 25 ئادەم يارىلانغان.
* نىكاراگۇئانىڭ پايتەختى ماناگۇئادا «كارىب نېفىت پىلانى» شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغۇچى دۆلەتلەرنىڭ 8-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋېنسۇئىلا پىرېزىدېنتى مادورو 29-ئىيۇن: بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادى تەرەققىيات ئالاھىدە رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك، دېدى.
* بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى 30-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، لىۋانغا قېچىپ بارغان سۈرىيەلىك مۇساپىر 568 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
* كوتىدىۋانىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى 30-ئىيۇن مۇنداق دېدى: كوتىدىۋا ساقچىلىرى يېقىندا ئىقتىسادى پايتەختى ئابىدژاندا پىل چىشى بۇيۇملىرىنى ئەتكەس قىلىش قانۇنسىز پائالىيىتىگە زەربە بېرىپ، نۇرغۇن ئەتكەسچى تىجارەتچىلەرنى قولغا ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە