باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ: ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئالايلى

2013.07.01 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئالايلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ، دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن 6-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسى، خەلق ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق تەكىتلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىز ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مىقياسىدا ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەشنى قاتتىق كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە