- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا ۋە مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى)نى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە مەدەتكار بولۇش ئۈچۈن مەركەز مالىيەسىدە مەخسۇس ياردەم-مۇكاپات مەبلىغى تەسىس قىلىندى
2013.07.02 15:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەركەزنىڭ يەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى)نى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە تولۇقلاپ بېرىدىغان مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى)نى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە بېرىلىدىغان ئاساسىي ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى مۇنداق بېكىتتى: ۋىلايەت-شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت يۇرتىغا يىلىغا 500 مىڭ يۈەن، ناھىيەلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇبخانا، مەدەنىيەت يۇرتىغا يىلىغا 200 مىڭ يۈەن، يېزا-بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتىغا يىلىغا 50 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ. (لى لىخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە