باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فاخمى: مەملىكەتلىك سۆھبەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر يول

2013.07.02 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىخاب فاخمى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سۆھبەت مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر يول، پىرېزىدېنت مورسىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىر كاندىل رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشىنى ئىنكار قىلىمىز.

  فاخمى مۇنداق دېدى: مورسى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىراق ئۇنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەش كېرەك.

  فامىخ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مورسى پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى گۇرۇھلار قاتناشقان مەملىكەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى كۆپ قېتىم تەشەببۇس قىلغان. پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ سۆھبەت دەرۋازىسى ھازىرمۇ ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن يەنىلا ئوچۇق.

  مىسىر پىرېزىدېنتى مورسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: مىسىردا ھەرگىزمۇ ئىككىنچى قېتىم ئىنقىلاب يۈز بەرمەيدۇ، مەنمۇ بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرمەيمەن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ۋەزىپىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىغا چەكسىز قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە