باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن «ۋاقىتلىق ئىشچىلار»نىڭ رەسمىيلىشىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى

2013.07.02 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇلدىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئەمگەك توختامى قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشنىڭ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇشى بۇ قانۇننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بوپقالدى.

  ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بىر خىل تولۇقلىما خاراكتېرلىك ئىشچى ئىشلىتىش شەكلى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىدە توغرا-خاتالىق مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەرنى ئوخشاش ئەمگەككە سېلىپ ئوخشىمىغان ئىش ھەققى بېرىشتەك مەسىلىلەر كۈنسايىن گەۋدىلەندى. 2012-يىلغا كەلگەندە، مەملىكەت بويىچە ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەر 20 مىليوندىن ئاشتى، ھەتتا ئايرىم كارخانىلاردا ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى ئىشچى-خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %70تىدىن يوقىرى بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تۈزىتىش لايىھەسىدە «ئەمگەك توختامى بويىچە ئادەم ئىشلىتىش دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق شەكلى. ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش تولۇقلىما شەكىل بولۇپ، بۇنى پەقەت ۋاقىتلىق، قوشۇمچە ياكى سەپلىمە خاراكتېرلىك خىزمەت ئورۇنلىرىغىلا يولغا قويۇشقا بولىدۇ»غانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «ئادەتتە» دېگەن سۆزنىڭ «پەقەت»كە ئۆزگىرىشى بىلەن، چەكلىمە كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭغا رىئايە قىلىشى شەرت، ھېچقايسىسى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇ ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھادىسىلىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدۇ. ئىلگىرىكى بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يادرولۇق خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن «ۋاقىتلىق ئىشىچلار»نى ئىشلىتىدىغان، بىر ئىشلەتكەنچە نەچچە يىل، ھەتتا ئون نەچچە يىل ئىشلىتىدىغان ھالەت تۈزىتىلىدۇ، بۇندىن ئېتىبارەن ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن قىسمەن ئىشىچلارنىڭ رەسمىي توختاملىق ئىشىچىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

  تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ كەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇنىڭدا ئوخشاش ئەمگەككە ئوخشاش ھەق بېرىش پىرىنسىپىنىڭ يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىدۇر. دۆلىتمىزنىڭ «ئەمگەك قانۇنى» ۋە «ئەمگەك توختامى قانۇنى»دا بىردەك «ئوخشاش ئەمگەككە ئوخشاش ھەق بېرىش» لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەرگە ئوخشاش «ۋاقىتلىق ئىشچى» نامى بىلەن ئاتالغان ھەر خىل ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە باشقا ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئىتى جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشى تەس بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم تۈزىتىش لايىھەسىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئوخشاش تۈر، ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى ئەمگەكچىلىرىگە ئوخشاش ئەمگەك ھەققى تەقسىماتى چارىسىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. بۇ، ئەمگەكچى ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا قارىتىلغان ئاساسىي مائاش، مۇكاپات، يىللىق مۇكاپات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمگەك ھەققى تەقسىماتى چارىسىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىۋاستە قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئەمگەكچىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى لازىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.(بەي تيەنلياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە