باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.06.28 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ 26-ئىيۇن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كەپىلىك مەھەللىلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولدى. سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھازىرغىمۇ ھەم كېيىنگىمۇ پايدىلىق تەدبىر قوللىنىش، ئاممىنى بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىش، دۆلەت ئىچىنىڭ ئېھتىياجىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتالىق نۇرغۇن جەھەتلەردە، خەلقنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئۆتكەن بەش يىلدا چوڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئاساستا، كېيىنكى بەش يىلدا يەنە شەھەر ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كانچىلىق، ئورمانچىلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى ھەرخىل كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 10 مىليون ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى 3 مىليون 40 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركەزلىك بولمىغان شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەر بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈلىدۇ. يۈرۈشلەشكەن شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ماس قەدەمدە قۇرۇلۇپ، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. 1-، مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش. كېيىنكى بەش يىلدا مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان تولۇقلىما مەبلەغ بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ماس ھالدا مەبلەغ سېلىنمىسىنى مۇناسىپ كۆپەيتىش كېرەك. 2-، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار مەخسۇس كەپىلىك مەھەللىلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان كارخانى زايومى ياكى ئوتتۇرا مەزگىللىك بېلەت تارقاتسا بولىدۇ. 3-، كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەشكىللىگەن كەپىلىك مەھەللىلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن چىقىمى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئاجرىتىلىدۇ. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى باج ئېتىبار سىياسىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. 4-، ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەر ئەمىللەشتۈرۈلۈپ، ئەل ئىچى كاپىتالىنىڭ مەبلەغ سېلىپ پايغا قېتىلىش، ھاۋالە قىلىپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشغا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ. 5-، يەر بىلەن تەمىنلەشنى قوللاش كۈچەيتىلىپ، كەپىلىك مەھەللىلەنى ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك يەر يەرلىكنىڭ يەر تەمىناتى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 6-، ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پۇل تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەركىن تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايون، تارماقلار كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش بولغان رەھبەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇشى ۋە مەسئۇلىيەتنى شەھەر، ناھىيە ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغىچە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا كاپالەتلىك ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، تەقسىملىنىشى ۋە باشقۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى ياخشى تەڭشەپ، بازارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە