باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلدىن باشلاپ پەرزەنتلەرنىڭ «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشى» قانۇنغا كىرگۈزۈلدى

2013.07.01 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش مەمۇرىي ئىجازىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «چېگرادىن ئۆتۈشنى باشقۇرۇش قانۇنى»قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزاملار رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇش» قاتارلىق ياشانغانلارغا پايدىلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 18-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، سەل قارىماسلىقى، ياشانغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى، ياشانغانلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنى دائىم يوقلىشى ياكى ئەھۋال سورىشى (ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشى)كېرەك؛ باققۇچى ئىدارىدە خىزمەت قىلىدىغان بولسا، ئىدارە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن باققۇچىنىڭ تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە