باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، دېدى

2013.07.01 15:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېنېگالدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27 – ئىيۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمەن، شۇنداقلا ‹‹29 ياشلىق قەستكار››نى تۇتۇش ئۈچۈن ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ يۈرمەيمەن، دېدى.

  ئوباما: ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى شياڭگاڭ ۋە رۇسىيەدىن سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما سنوۋدېن ۋەقەسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تېلېگرامما ئەۋەتمىدى، دېدى. ئوباما: ئامېرىكا نورمال قانۇنىي يول ئارقىلىق سنوۋدېننى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، ‹‹بىر دېلو، بىر جىنايەت گۇماندارى›› ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ يۈرمەيمىز ياكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە سودىلاشمايمىز، دېدى.

  ئوباما رۇسىيە ۋە سنوۋدېننى قانات ئاستىغا ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى›› ئىكەنلىكىنى ئويلىشىشىنى ھەم خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە