باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چادنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى قولغا ئېلىنىپ،40 مىڭ نەپەر سىياسىي جىنايەتچىنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەندى

2013.07.01 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېنېگالدىكى بىر شەخسىي رادىئو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى : چادنىڭ زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن ھابىل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داكاردىكى تۇرالغۇسىدا سېنېگال ژاندارما ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

  ھۈسەيىن ھابىلنىڭ ئادۋوكاتى ھاجى دېئوپ مەزكۇر رادىئو ئىستانسىسىغا « ھۈسەيىن ھابىل ( ژاندارما ئەترەت تەرىپىدىن ) قولغا ئېلىندى، نۆۋەتتە قەيەردىلىكى ئېنىق ئەمەس » دېگەن. سېنېگال ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ ھۈسەيىن ھابىل دېلوسى ئۈچۈن مەخسۇس قۇرغان ئافرىقا مەخسۇس سوتىنىڭ باياناتچىسىماسېر مىندى شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ تېلىفون زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ھۈسەيىن ھابىلنىڭ قولقا ئېلىنىپ، ئافرىقا مەخسۇس سوتىنىڭ سوراق قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھۈسەيىن ھابىل 1982-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ سياسىي سەھنىگە چىققان، 1990-يىلى 12 ئايدا چادنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى دەبى تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلىپ بۈگۈنگە قەدەر چادتا قېچىپ يۈرىۋاتاتتى. چاد ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى ھۈسەيىن ھابىلنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە 40 مىڭ نەپەر سىياسىي جىنايەتچىنى ئۆلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن، دەپ ئەيىپلىگەن. 2005-يىلى 9-ئايدا بىللىروسىيە ئەدىلىيە تارماقلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش، خالىغانچە جازالاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سېنېگالدا قېچىپ يۈرىۋاتقان ھۈسەيىن ھابىلغا قارىتا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىپ، ئۇنى بىللىروسىيەگە ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ھۈسەيىن ھابىل داكاردا قولغا ئېلىنىپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە