باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

‹‹ئۆزىنى ئۆزى پاكلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش››نى كۈچەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك

2013.06.28 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  –يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18–ئىيۇندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
  ئۆزىنى ئۆزى پاكلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر دەۋر ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى ئاساسىي ئىقتىدارى، پارتىيەمىزدىكى بارلىق يولداشلارنىڭ ئاۋانگارتلىق – نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم ساپاسى.

  يەنئەندە ئىستىل تۈزىتىلگەندە، يولداش ماۋزېدۇڭ سۇبيېكتىپچىلىق، مەزھەپچىلىك، پارتىيە باگۇچىلىقىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹بۇلارنى يوقىتىش ۋە سۈپۈرۈپ تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاسان ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، كېسەلگە قاتتىق تەسىر بېرىش، قاتتىق ئاۋاز بىلەن: <سېنىڭ كېسىلىڭ بار!> دەپ چۆچۈتۈش، تەرلىتىش، ئاندىن ئۇنى ياخشى داۋالىنىشقا بۇيرۇش كېرەك›› دېگەنىدى. ھازىر بىز تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق يولغا قويۇپ، ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، ‹‹ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئىش – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىللەتلەرنى تۈگىتىش›› ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل.

  پارتىيەمىزدىكى بارلىق يولداشلار ‹‹ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئىش – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىللەتلەرنى تۈگىتىش›› ئومۇمىي تەلىپىنى قانداق ئورۇندىغاندا، ئاندىن ‹‹ئۆزىنى ئۆزى پاكلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش››نى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟ يولداشلار پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەك قىلىپ، كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى تولۇق، ئىنچىكە كۆزىتىپ، باشقىلار بىلەن بولغان پەرقنى تېپىپ ۋە تۈگىتىپ، ئۆزىنى – ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك. كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى توغرىلاپ، پارتىيە ئەزاسىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنى كۈچەيتىپ، ئىش – ھەرىكىتىگە دائىم دىققەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئىشلارنى چالا قىلماي ئادىل بېجىرىپ، پاك ئادەم بولۇشى كېرەك. ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىستىلىدا مەسىلە بار پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىللەتلىرىنى توغرا تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەھۋاللارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق چارە قوللىنىپ، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىپ، ‹‹كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش››ى كېرەك؛ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىق ئىستىلىنىڭ كونا ئىللەت ۋە ساقايماس كېسەلگە ئوخشاش تەكرارلىنىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ھەتتا، بەزى جايلاردا، مەسىلىنىڭ يىلتىزى، مەنبەسى يۇقىرىدا بولسىمۇ، تۆۋەندىكىلەر ‹‹يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش››تەك ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتا، بىزدە يۈز – خاتىر قىلماي ئەيىبىنى پاش قىلالايدىغان جاسارەت، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھ، مەنبەنى تېپىپ، روھقا تېگىش قىلالايدىغان پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. بۇ بىزدىن ئىستىلدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىشنى جىددىي، ئەستايىل تۇتۇپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشكە زور كۈچ سەرپ قىلىشىمىزنى؛ رەھبەر باشلامچىلىق قىلىش، دەرىجىمۇ دەرىجە، قاتلاممۇقاتلام تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىزنى؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئۆز ئەينى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئىش – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىللەتلەرنى تۈگىتىش››نى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، پارتىيەمىزدىكى بارلىق يولداشلار جەزمەن ياخشى روھىي قىياپەتكە ئىگە بولۇپ، ئېسىل خىزمەت ئىستىلى ۋە جۇشقۇن غەيرەت – شىجائىتى ئارقىلىق خەلقىمىزنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلالايدۇ.

  (‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 2013 – يىلى 26 – ئىيۇن سانىدىن ئېلىندى) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە