باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنى 29-ئىيۇن ئېچىلدى

2013.06.30 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانىۋېر تەشكىللەش ۋە ئۆتكۈزۈش تەرتىپى كېلىشىمى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەۋەسىدە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت تەشكىللەش ۋە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەرتىپ كېلىشىمى» ئايرىم-ئايرىم ئاۋاز بېرىپ تەستىقلاندى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2012-يىللىق مەركەز نەقچوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى، 2012-يىللىق مەركەز نەق چوتى تەستىقلاندى.

  يىغىندا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ئەزالارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر 2992 ۋەكىلى بار. يىغىندا يەنە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش قالدۇرۇش لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە