باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەنجىڭدا زەپەر قۇچتى

2013.07.01 14:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2013 – يىللىق مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى سەنئەت كەسپى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئاياغلاشقان. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى شۆبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئارمان ئەنۋەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە جۇڭگو ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاشتا 3 – لىككە ئېرىشكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئوقۇغۇچى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ شۆبە مەكتىپىدىن تاللانغان. بۇ تۆت ئوقۇغۇچى مەملىكەت بويىچە تاللانغان باشقا 69 ماھىر بىلەن سەھنىدە كۈچ سىناشقان. بۇ مۇسابىقە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە باھالىغۇچىلار سالاھىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئوخشاش خىلدىكى مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.(ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە