باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېكسىكىنىڭ بىر سابىق شتات باشلىقى زەھەر ئەتكەسچىلىك ۋە پۇل يۇيۇش سەۋەبلىك ئامېرىكىدا 11 يىللىق كېسىلدى

2013.07.01 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 28-ئىيۇن مېكسىكىنىڭ سابىق شتات باشلىقى مارىيو ئېرنىستو ۋىللانۇۋا مادرىد ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى پىلانلاشقا قاتنىشىش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى بېكىتتى ۋە 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

  ۋىللىيانۇۋا 1993-يىلدىن 1999-يىلغىچە مېكسىكا كۇنتانارو شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان، 2010-يىلى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىللىيانۇۋا 1994-يىلدىن باشلاپ كورېز زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەتكەسچىلەر ئۈچۈن زەھەر ئەتكەسچىلىك يوللىرىنى ئېچىپ بەرگەن ھەمدە ھەر قېتىمدا 500مىڭ دوللاردىن پارا ئالغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا بىللىيانۇۋا يەنە بىر قاتار ئۈچۈنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرلىرى بىلەن، چەتئەلدىكى شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان پۇللارنى يۇيغان، ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا لېھمان ئاكا-ئۇكىلار بانكىسىدىكى ھېساباتىغا كىرگۈزگەن.

  2012-يىلى 8-ئايدا، بىللىيانۇۋا ئۆزىنىڭ مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇروھىدىن پارا ئالغان پۇللىرىنى يۇيغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىكى ھېساباتىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى رىچارد لىندې ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: « بىللىيانۇۋا 2001-يىلى قامالغاندىن باشلاپ ئىپادىسى ياخشى بولغان، بەلكىم پەقەت 3 يىل داۋاملىق جازا ئۆتىشى مۇمكىن».

مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە