باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ: ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك(1)

2013.06.30 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، 28-ئىيۇن كەچتە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ 29-ئىيۇن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا : پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، لېكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر يەنىلا ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق بۇ مەسىلە تېخى تۈپتىن ھەل بولمىدى، يېقىنقى مەزگىلدە ئاز ساندىكى جىنايى ئۇنسۇرلار پىلانلىق يولغا قويغان زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى، بۇنىڭ خاراكتېرى يامان، ئاقىۋىتى ئېغىر. بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇ زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان زور رېئال خەۋپ ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى چوقۇم ئىدىيىسىنى مەركەزنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى ئاساسىدا، ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مېڭىنسىى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالدىن قول تىقىپ، تەشەببۇسكارلىق كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارىشى تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك، دەپ ھىساپلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە