خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-ئىيۇن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنھى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەتتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا پارك گيۇنھىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى، دۇ شاڭزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)