باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

تاياق يەپ بېشى ‹‹ماكچىيىپ›› كەتكەن ئەر 58 مىليون دوللار تۆلەمگە ئېرىشتى

2013.07.05 14:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 2-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق 43 ياشلىق سىر ئىشچىسى Antonio Lopez بىر ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن قاتتىق تاياق يەپ ، باش قىسمى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن ، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان ھەم باش سۆڭىكىنىڭ تۆتتىن بىرى كېسىۋېتىلگەن . شۇ يەر ۋاقتى 1-ئىيۇلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، توررانس ئالىي سوت مەھكىمىسى DGSP ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنى لوپېزغا 58 مىليون دوللار (تەخمىنەن 96 مىليون 870 مىڭ يۈەن) تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. بۇ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سوممىسى ئەڭ كۆپ زىيان تۆلىمى بولۇپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە ، 2010-يىلى 20-ئاپرېل، لوپېز مەلۇم بىر قاۋاقخانىنىڭ مەيپۇرۇش دىرېكتورى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان. كېيىن، گۇۋاھنامىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەربىيەلەنمىگەن ئامانلىق قوغدىغۇچى Emerson Quintanilla ساقچى كالتىكى بىلەن لوپېزنىڭ بېشىغا سەككىزنى ئۇرۇپ ئۇنى ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن. ھازىر، ئامانلىق قوغدىغۇچى بىلەن مەيپۇرۇشنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. گەرچە لوپېزنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، مېڭىسى ئېغىر زەخىملەنگەچكە كۆپ قېتىم تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان، 24 سائەت كۈتۈشكە موھتاج ئىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە