يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان،نەنجىڭلىق بىر فوتوگراف تورغا يوللىغان بىر يۈرۈش ئاجايىپ چىرايلىق يالتىراق قوڭغۇز سۈرەتلىرى يالتىراق قوڭغۇز كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇردى. ئېگىلىنىشىچە، نەنجىڭ شەھىرى زىجىنشەن تېغىدىكى يالتىراق قوڭغۇزلار توپىنىڭ قوغدىلىشى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە ئەڭ ياخشى بولۇپ، نەچچە تۈمەنگە يېتىدۇ. 25-ئىيۇل ئەتراپىدا ئەڭ ياخشى كۆرۈش ۋاقتى باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ كۆرسە بولىدىكەن. بىراق مۇتەخەسسىسلەر كۆپچىلىكنى يالتىراق قوڭغۇزنى تۇتماسلىق ۋە چىراقتا يورۇتماسلىققا ئەسكەرتىدۇ.