باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 7-ئاينىڭ 10كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2013.07.09 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ جەريان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  10-ئىيۇندىن12-ئىيۇنغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە نومۇرىغا ئاساسەن، مەكتەپلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرىپ، مەكتەپلەر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئېلىش-ئالماسلىقنى مەكتەپلەر ئۆزى قارار قىلىدۇ، قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى 12-ئىيۇندىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بۇلار تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

  ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzs.edu.cn)غا كىرىپ قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرنى ئېنىقلىسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە