باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

2013.07.05 18:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2013-يىللىق ئاپتونۇم رايۇن ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئېگىلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدىن 49مىڭ 553ئادەم شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپى ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلار سانى بۇلتۇرقى بىلەن تەڭلەشكەن. بۇيىل شىنجاڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 8700ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك 8265ئوقۇغۇچى، بىڭتۇەن 435ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياقلاشقان بولۇپ، 5-ئىيۇل سائەت 10دىن باشلاپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئېگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 1300نەپەر ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 22مىڭ 300گە يېتىدۇ. كېلەر يىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىمۇ ئوخشاش كېڭەيتىلىپ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئونمىڭغا يېتىدۇ؛ بۇ يىل شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان شەھەرلەر 13 كە يەتكەن بولۇپ، يېڭىدىن تۇرپان شەھىرى قوشۇلدى؛ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەھەر 26گە يەتتى، يېڭىدىن تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىخەنزە شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ قوشۇلدى. قەشقەر ۋە تۇرپاندىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى 2240 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم