باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىلارنى قۇتقۇزغان پىچانلىق 15 ياشلىق ئۆسمۈر ھوشىغا كەلدى

2013.06.30 15:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابلىكىمنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى

  26-ئىيۇن، ئادەم قۇتقۇزغان پىچانلىق ئۆسمۈر ئابلىكىمنى داۋالاشنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىق خەۋىرى بېرىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى تېلېفون ئۇرۇپ، ھاۋاخان ئانا-بالىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى، بەزىلەرخەير-ساخاۋەت ئىئانىسى توپلىدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نۇرغۇن كىشى ئۇلارغا 1000 يۈەن، 2000 يۈەندىن ئىئانە قىلدى.

  نۆۋەتتە، ئابلىكىمنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى، بىراق تېنى يەنىلا دەرمانسىز. ئۇ شۇنچە كۆپ مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆزىگە لىق ياش ئالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھاۋاخان ئانا-بالا دوختۇرخانىدىمۇ نۇرغۇن مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. پۇلنى تېجەپ ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ، ھاۋاخاننىڭ ھەر كۈنى قۇرۇق نان يەپ ، قايناقسۇ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بەزى بىمارلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى تاماق ئېلىپ كەلگەندە ، ھاۋاخان ئانا-بالىغىمۇ يەتكۈدەك ئېلىپ كەلگەن ، بەزىلىرى ئۇلارغا تاماق ئېلىپ يېيىش ئۈچۈن 20 ~ 30 يۈەن پۇل بەرگەن . ھەر كەچتە بىنا كارىدورىدا ئۇخلاۋاتقان ھاۋاخانغا سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن دەپ ، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى ئۇنىڭ تېگىگە سېلىپ يېتىشى ئۈچۈن ئىككى قېلىن چاپان تېپىپ ئەكېلىپ بەرگەن .

  ھاۋاخان مۇنداق دېدى: «بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، بىراق يەنىلا ‹رەھمەت › تىن باشقىنى دېيەلمەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئوغلۇم ئىككىمىزگە قىلغان ياردىمىگە رەھمەت».

  مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://uy.ts.cn/homepage/content/2013-06/27/content_288173.htm

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە