باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاكياگىن ئەلبەگدورجى موڭغۇلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى

2013.06.28 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە باش سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى سودىنوم سېرىن 27-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 26-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھازىرقى زۇڭتۇڭ، موڭغۇلىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى چاكياگىن ئەلبەگدورجى ٪50.23 ئاۋاز بىلەن قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.

  ئەلبەگدورجىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى باتىر ئەردەن ۋە تۇنجى ئايال نامزات بولغان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئۇدىۋالنى مەغلۇب قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب موڭغۇلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل تېزرەك تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىدىندۇر. موڭغۇلىيە داڭلىق ئوبزورچىسى ئۇيۇن چىچەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئەلبەگدورجى زۇڭتۇڭ بولغان تۆت يىلدا، موڭغۇلىيە ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى ٪8.7 كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر قاتلىنىپ، 3600 دوللاردىن ئاشتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت ئاسراش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارمۇ ئەلبەگدورجى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى يارقىن نۇقتىلاردۇر. ئۇ 2010-يىلى بۇيرۇق چىقىرىپ ھەر يىلى 5- ۋە 10-ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبە كۈنىنى كۆچەت تىكىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىتنى كۆكەرتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلدى. كان بايلىقىنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كان ئېچىش كىنىشكىسى تارقىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. 2012-يىلى ب د ت ئۇنىڭغا «يەرشارى ھىماتچىسى مۇكاپاتى» بېرىپ، ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەقدىرلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە