باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىر ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئەزالىق كارتىسى يوقلۇق دوكلاتىنى سۇندى

2013.06.30 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا قانات يايدۇرغان ئەزالىق كارتىسىنى مەخسۇس قايتۇرۇپ بېرىش پائالىيىتى ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرىتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 810 مىڭ مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىر ئىشچى خىزمەتچىسى ئەزالىق كارتىسى يوقلۇق دوكلاتىنى ۋاقتىدا سۇندى.

  كارتىنى قايتۇرۇش پائالىيىتى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشىپ، ئالدىن پىلانلىنىلغان ئۈنۈمگە يېتىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاز ساندىكى تاسادىپىي تاپشۇرمىغان كىشىلەردىن باشقا، ئەزالىق كىنىشكىسىنى تاپشۇرمىغانلار يوق. كارتىنى قايتۇرۇش پائالىيىتى كەسكىن بولدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ كارتىنى قايتۇرۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنى ئادەتتە داۋاملىق تەكشۈرۈش نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچى ۋە ئامما، تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە