باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك

2013.06.28 14:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26 – ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا: ئۆتكەن بەش يىلدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئاساسىدا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى سانائەت – كان رايونلىرى، ئورمانچىلىق رايونلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەردىن يەنە 10 مىليون ئائىلىلىكنى ئۆزگەرتىش، بۇنىڭ ئىچىدە 2013 – يىلى 3 مىليون 40 مىڭ ئائىلىلىكنى ئۆزگەرتىش، تۇتاش تارماق رايونغا ئايلانمىغان شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە بىر تۇتاش كىرگۈزۈش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ماس قەدەمدە سەپلەپ، ماس قەدەمدە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەكىتلەندى. بىرىنچى، مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا مەركەزنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سېلىنمىسىنى ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى قەرز پۇل بىلەن قوللاشقا يېتەكلەش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا مەخسۇس كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىدىغان كارخانا زايومى ياكى ئوتتۇرا مەزگىللىك تالون تارقىتىش. ئۈچىنچى، كارخانىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەشكىللىگەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش چىقىمىغا قارىتا، تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى باج ئېتىبار سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش. تۆتىنچى، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەلئارا كاپىتالنى مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇشقا، ھاۋالە بىلەن ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش. بەشىنچى، يەر بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى يەرلىكنىڭ يەر بىلەن تەمىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش. ئالتىنچى، ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تولۇقلىما پۇلى بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە تاللىۋېلىشىغا يول قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە تارماقلار كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە رەھبەرلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولغاچقا، مەسئۇلىيەتنى شەھەر – ناھىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، داۋالىشى، ئوقۇشى ۋە سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، مەجبۇرىي چېقىش ۋە كۆچۈرۈشنى چەكلەش، ئاممىنىڭ قانونلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ياخشى ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك. ھازىرقى قۇرۇلۇشنى يولغا قويغان پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە