باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2013.06.30 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شىڭكۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى .بۇ خىل روھ جۇڭگو روھىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، بۇ خىل روھنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچ جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئېنېرگىيىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  گو شىڭكۈن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش قەھرىمانلار ۋەكىلى بەي شۆجى قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلق ئامىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە