باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 2–لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.06.28 13:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق 2 – لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالنىڭ ئاساسلىق ئېلېكتىر تورىغا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 5 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ ئاساسلىق ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق 2 – لىنىيە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ ‹‹12 – بەش يىل›› پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇ غەربىي شىمال 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسلىق تور رامى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم لىنىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى باشلانغان بولۇپ، غەربتە شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن باشلىنىپ دۈنخۇاڭدىن ئۆتۈپ، شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمودغا تۇتىشىدۇ، بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2158 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ كۆپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئەڭ قىسقا 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ قۇمۇل، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن، چىڭخەينىڭ چايدام رايونلىرىنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىشىدىكى مۇھىم سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە چىڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش، ‹‹تۆۋەن كاربون، يېشىل، مۇھىت ئاسراش›› تىپىدىكى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بېيجىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدا تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قۇمۇل يەندۈن تىرانسفورموتور ئىستانسىسى، گەنسۇنىڭ شاجۇ تىرانسفورموتور ئىستانسىسى، چىڭخەينىڭ يۈكا ۋېكليۇچاتېل پونكىتىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە