- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيەسىدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى يۈز بېرىپ، 24 ئادەم قازا قىلدى، ج خ ساقچىلىرى 11 توپىلاڭچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
2013.06.28 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن پىچاندىن بەرگەن خەۋىرى: 26-چېسلا سەھەر سائەت 5تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدىكى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى يۈز بەردى، توپىلاڭچىلار لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانا، ئالاھىدە ساقچى چارلاش ئوتتۇرا ئەترىتى، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئىش مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ماشىنىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.ھازىرغىچە ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئادەم قازا قىلدى (بۇنىڭ ئىچىدە 16 ئۇيغۇر بار)؛ 21 ساقچى ۋە ئامما يارىلاندى. ج خ ساقچىلىرى 11 توپىلاڭچىنى نەق مەيداندىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، يەنە تۆت ئادەمنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ قولغا ئالدى.
ج خ ئورۇنلىرىنى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، ھازىر شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى. (زۇ ۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە