باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 100 مىليونلاپ پۇل خەجلەپ ئافرىقىنى «ھەشەمەتلىك» زىيارەت قىلىشقا باشلىدى

2013.06.28 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 26-ئىيۇندىن 3-ئىيۇلغىچە سېنېگال، جەنۇبىي ئافرىقا، تانزانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنى «كېچىككەن» ئافرىقا سەپىرى دەپ ئاتىدى. « ئامېرىكا ئافرىقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ » دېگەن ئېنىق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەقسىتىدۇر.

  بۇ قېتىمقى ئافرىقا سەپىرى ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى ئافرىقىغا قىلغان ۋاقتى ئۇزۇنراق تۇنجى زىيارەت بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ پەقەت 2009-يىلى گانانى قىسقىلا زىيارەت قىلغان. ئەمما ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق باشلانمىدى.

  سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئوباما دۆلىتىدە «ھەشەمەتچى» دېگەن نامغا قالغان. «ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىگە 60 مىليوندىن 100 مىليون دوللارغىچە پۇل كېتىدىكەن، بۇ ئوبامانىڭ چەت ئەلگە قىلغان زىيارەتلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىرىدىن بىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئوباما ئافرىقىنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، ئامېرىكا دېڭىز بويى رايونىدا تولۇق يۈرۈشلۈك داۋالاش ئەسلىھەسى سەپلەنگەن ئاۋىياماتكا ئورۇنلاشتۇرماقچى. ئامېرىكا ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى قاتناش قورالىدىن 56نى توشۇپ بارىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 14 كاتتا پىكاپ ۋە 3 ئوقتىن مۇداپىئە ئەينىكى بار ئاپتوموبىل بار. بۇنىڭدىن باشقا، زۇڭتۇڭ پائالىيەت قىلىدىغان جايلاردىكى بوشلۇقتا ئۇرۇش ئايروپىلانى پۈتۈن كۈن مۇداپىئە كۆرىدىكەن، يەنە نەچچە يۈز ئالاھىدە خىزمەتچى ھەمرا بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە