- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: 43 شەھەردە باشقا جايدىن كەلگەن كىشىلەر كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ئۆزىگە يېقىن جايدا پاسپورت بېجىرەلەيدۇ
2013.06.28 13:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى كۆچمە ئاھالىنىڭ يېقىن جايدا چېگرادىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 2013-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۇقراغا قولاي-پايدىلىق تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ:
بىرىنچى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىچكى جايلاردىكى ئاھالە ۋاقىتلىق تۇرغان (ئولتۇراقلاشقان) جايىدا ئۆزىگە يېقىن يەردە ئادەتتىكى پاسپورت، تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش يول خېتى ۋە ئىلاۋە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، 60 ياشتىن ئاشقانلار ۋاقىتلىق تۇرغان (ئولتۇراقلاشقان) جايىدا ئۆزىگە يېقىن يەردە ئادەتتىكى پاسپورت، تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش يول خېتى ۋە ئىلاۋە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىچكى جايدىكى ئاھالە ۋاقىتلىق تۇرغان (ئولتۇراقلاشقان) جايىدا ئۆزىگە يېقىن يەردە ئادەتتىكى پاسپورت، تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش يول خېتىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى، تولۇقلاپ بېرىشنى ۋە قايتا تەيۋەنگە بېرىشتا ئوخشاش تۈردىكى ئىلاۋەنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئۆزىگە يىقىن جايدا تەيۋەنگە بېرىپ ـ كېلىش يول خېتى بىجىرگىلى بولىدىغان 31 شەھەر: بېيجىڭ، تيەنجەن، شىجياجۇاڭ، تەييۈەن، خوخخوت، شېنياڭ، داليەن، خاربىن، شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ، نىڭبو، خېفېي، فۇجۇ، شيامېن، نەنچاڭ، جىنەن، چىڭداۋ، جېڭجۇ، ۋۇخەن، چاڭشا، گۇاڭجۇ، شېنجىن، نەننىڭ، خەيكۇ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، گۇيياڭ، كۇنمىڭ، شىئەن قاتارلىقلار.
ئۆزىگە يىقىن جايدا پاسپورت بىجىرگىلى بولىدىغان 42 شەھەر: بېيجىڭ، تيەنجەن، شىجياجۇاڭ، تەييۈەن، خوخخوت، شېنياڭ، داليەن، خاربىن، شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ، نىڭبو، خېفېي، فۇجۇ، شيامېن، نەنچاڭ، جىنەن، چىڭداۋ، جېڭجۇ، ۋۇخەن، چاڭشا، گۇاڭجۇ، شېنجىن، نەننىڭ، خەيكۇ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، گۇيياڭ، كۇنمىڭ، شىئەن، ۋۇشى، چاڭجوۋ، سۇجۇ، ۋېنجۇ، جياشىڭ، جۇشەن، چۇەنجۇ، جۇ جوۋ، شياڭتەن، جۇخەي، دوڭگۇەن، فوشەن
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە