باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ئەرش ئوردىسى–1›› ناملىق نىشان ئۇچقۇ بىلەن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە–10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2013.06.28 14:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹خاسىيەتلىك كېمە–10››ناملىق ئالەم كېمىسى قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسى يەر يۈزىگە بىخەتەر قوندى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئىيۇن تېلىگراممىسى. 26 – ئىيۇن سائەت 8 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، 15 كۈنلۈك ئالەم سەپىرىدىن كېيىن، ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايوندا بىخەتەر قوندى، ئالەم ئۇچقۇچىسى نې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭ قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسىدىن ساق – سالامەت يېنىپ چىقتى، ‹‹ئەرش ئوردىسى – 1 ›› ناملىق نىشان ئۇچقۇ بىلەن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10 ›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى بېيجىڭ ئالەمگە ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە ئالەم كېمىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 لەردە جاڭ گاۋلى قاتارلىق رەھبەرلەر بېيجىڭ ئالەمگە ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئۇچۇشنى كونترول قىلىش زالىدا مەركىزىي قوماندانلىق كۆرۈنۈش سىستېمىسىدا ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى.

  سائەت 7 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەمگە ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزى يەر يۈزىدىكى ئۆلچەش، كونترول پونكىتىدا ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىپ كېلىش، ئوربىتا بۆلمىسى بىلەن قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسى ئايرىلىش بۇيرۇقىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالەم ئايروپلانىنىڭ تورمۇزلانغان موتورى ئوت ئالدۇرۇلۇپ، قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسى بىلەن ئىتتىرىش بۆلۈمچىسى ئايرىۋېتىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارى يۈزىگە قاراپ ئۇچتى.

  سائەت 8 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، قايتىپ كېلىش بۆلۈمچىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايوندا بىخەتەر قوندى. ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قونۇش مەيدانى پونكىتى شۇنداقلا ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش تارماق ئەترىتى ۋاقتىدا نىشاننى بايقىدى، نەق مەيداندىكى مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن بۆلمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئالەم ئۇچقۇچىسى نې خەيشېڭ، جاڭ شياۋگۇاڭ، ۋاڭ ياپىڭ بۆلۈمچىدىن ساق – سالامەت چىقىپ، ئۆزلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  سائەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئادەملىك ئالەمگە چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى جاڭ يوۋشيا: ‹‹ئەرش ئوردىسى – 1›› ناملىق نىشان ئۇچقۇ بىلەن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دەپ جاكارلىدى. ئۇچۇشنى كونترول قىلىش زالىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە جاڭ گاۋلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى. تېلېگراممىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، بۇ قېتىملىق ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

  تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ئەرش ئوردىسى – 1 ›› ناملىق نىشان ئۇچقۇ بىلەن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 10›› ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش، ئۇلىنىش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەمگە چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدا زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئالەم قاتنىشى سېپىىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى. بۇ بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار تارىخىي مۇساپىدە قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم نەتىجىمىز. دۆلەت ۋە خەلقىمىز سىلەرنىڭ تۆھپەڭلەرنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى ما كەي، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ بىرلىكتە ئالەم كېمىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە