باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەپتىش مەھكىمىسى 2012-يىللىق خام چوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىمى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2013.06.28 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەپتىش مەھكىمىسى 24-ئىيۇن 2012-يىللىق خام چوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىمى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە: خام چوت ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدا مالىيە تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلە سوممىسى 4 مىليون 468 مىڭ 700 يۈەنگە، باشقا مالىيە كىرىمى جەھەتتىكى مەسىلە سوممىسى 19 مىليون 574 مىڭ 300 يۈەنگە يەتكەن.

  بىراق تەكشۈرۈشتە يەنە مۇنۇلار بايقالدى: 2012-يىلى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆز دەرىجىسىدىكى «كومپىيوتېر ۋە تور يۈرۈشتۈرۈشىنى ئاسراش ھەققى» ۋە «تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئىدارىلىرىغا ئەۋەتكەن ئۈسكۈنە يېڭىلاش راسخوتى» تۈرى 3 مىليون 609 مىڭ 60 يۈەن بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق سېتىۋېلىش خام چوت دوكلاتىغا كىرگۈزۈلمىگەن؛ مەھكىمە دەرىجىلىك «ئىش بېجىرىش بىناسىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېما ئۆزگەرتىلىش» تۈرىنىڭ شتاتلىق ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش خام چوتى 216 مىڭ يۈەن بولۇپ، شۇ يىلى ئىجرا قىلىنمىغان؛ مەھكىمە دەرىجىلىك ئىدارە يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىشى تاماملانمىغان، ئالاقىدار مەھسۇلات رەسمىي ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىش شىركىتىگە توختامدىكى پۈتۈن پۇل 1 مىليون 312 مىڭ 700 يۈەننى تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 643 مىڭ 100 يۈەن ئالدىن تاپشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە