باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ بېكىتىلدى

2013.06.28 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ناھىيە ئىقتىسادى ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن يۇقىرى تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. 2010-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيەلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %49.8 نى ئىگىلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېشىش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ناھىيە كەسىپىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن، دائىرىسى كىچىك، تارقاق بولۇش ۋەزىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، تېخى ياخشى كەسىپ ئىكولوگىيەسى شەكىللىنىپ بولالمىدى، بايلىق مۇھىت بېسىمى ئېغىر بولماقتا. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېزا ئىگىلىگىدە زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش-ناھىيە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە