قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى باشلاندى
2013.06.30 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى 28-ئىيۇن يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە باشلاندى. سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن 1500 تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك سودىگەر يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، ئىقتىساد-سودا سۆھبىتى، تۈر ھەمكارلىقى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قەشقەر مۇنبىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە