باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13 رايون ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ھەقسىزلەشتۈردى

2013.06.30 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 28-ئىيۇن تيەنجىندە يېپىلغان مەملىكەتلىك كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىدىن ئۇقۇشىچە، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكە، رايون، شەھەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2009-يىلى دۆلەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى تەدرىجىي يولغا قويغان، 2012-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ھەقسىزلەشتۈرۈش دائىرىسى بارلىق يېزا ئوقۇغۇچىلىرى، شەھەرلەردە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە يېزا ئىگىلىكتىن باشقا كەسىپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلگەن. نۆۋەتتە، ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، چىڭخەي، نىڭبو، شيامېن، شېنجېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئۆلكە، رايون، شەھەر ئوقۇش پۇلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى بارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كېڭەيتكەن. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ راسخوت سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىدىكەن. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە، رايون، شەھەر كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجرىتىدىغان پۇل ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، قائىدە بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە