- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش» قانۇنغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىلدى
2013.07.02 15:50 مەنبە: خەلق تورى
«مۇماينىڭ روھىي بېقىنىش ئەرزىگە قارىتا، سوتىمىز تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقىرىدۇ...». 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھرى بېيتاڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر بېقىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى ھەمدە سوت ئۈستىدە ھۆكۈم چىقاردى. بۇ «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى مەملىكەت بويىچە «دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش» ئەرزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇنجى ھۆكۈم بولۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشچە، دەۋاگەر 77ياشلىق ياشانغان موماي ئىكەن. 2012-يىل 8-ئايدا،چۇ xxقىزىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن قىزىنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈپ كەتكەن. 2013-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، چۇ xxبېيتاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە قىزى بىلەن كۈيئوغلى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، قەرەللىك يوقلاپ تۇرۇشنى ھەمدە سىرتتا ئىجارىگە ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققى ۋە ئاغرىپ بالنىتسىدا ياتقان ۋاقىتتىكى داۋالاش ھەققىنى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە