باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىچاندا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىندى

2013.07.01 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساقچى تارمىقىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررولۇق ھۇجۇمى دېلوسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پاش قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان، ئەخمەتنىياز سىدىق نۇرغۇن ئادەم توپلاپ ، دىنىي ئەسەبىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىدىغان ئۈن ماتېرىياللىرىنى ئاڭلاپ، 17 كىشىلىك زوراۋانلىق-تېررورلۇق گۇرۇھى تەشكىللىگەن. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، بۇ گۇرۇھ مەبلەغ توپلاپ، تىغلىق ئەسۋاب، بېنزىن قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش سايمانلىرىنى سېتىۋېلىپ، كۆپ قېتىم پۇرسەت ئىزدىگەن. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مەزكۇر گۇرۇھنىڭ بىر ئەزاسىنى تۇتقان. ئەخمەتنىياز سىدىق جىنايى قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، 26-ئىيۇن سەھەردە 15 نەپەر غەليانچى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانا ، كوچا ساقچىسى ئوتتۇرا ئەترىتى ، بازارلىق ھۆكۈمەت، قۇرۇلۇش ئورنى، خۇسۇسىي دۇكان ۋە پەردازخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈپ، قىڭغىراق كۆتۈرۈپ ساقچىلار ۋە بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ، 24 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 16سى ئۇيغۇر، 8ى خەنزۇ، ئىككىسى ئايال. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 21 كىشى يارىلانغان. دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، نەق مەيداندا 11 غەليانچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، تۆت غەليانچى ئېتىپ يارىلاندۇرۇلدى ۋە قولغا چۈشۈرۈلدى، تىغلىق ئەسۋاب، بېنزىن باكى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش ئەسۋابلىرىدىن بىر نەچچىسى قولغا چۈشۈرۈلدى. قاچقۇن ئىبراھىم ئەلىمۇ ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن 30-ئىيۇن قولغا چۈشۈرۈلدى. (مۇخبىر خەن لىچۈن، خۇ رېنبا)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە