باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جايلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2013.07.02 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ 92 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تۇغى ئاستىغا توپلىشىپ، قايتىدىن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتتى. جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور كۈچلەرنى توپلىدى.

  جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەن، خېبېينىڭ شىبەيپو، خۇبېينىڭ خوڭئەن، فۇجيەننىڭ پىڭخې، سىچۈەننىڭ لياڭشەن، گەنسۇنىڭ گەننەن، شىزاڭنىڭ چۈشۈي ناھىيەسى چۈشۈي كەنتى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تۇغى ئاستىغا كېلىپ قايتا قەسەم بېرىپ، ئۆزىگە بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

  تۈنۈگۈن خېنەن ئۆلكىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى جياۋيۈلۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا يىغىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشەن تەلىم تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  28-ئىيۇن خەينەن ئۆلكىسىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار«يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى» دېگەن تېمىدا باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش 1-ئىيۇل ئاساسىي تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ مەقسىتى ــ بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرۈتكە بولۇپ، خەينەننىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. پائالىيەتتە شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىش، ساۋاتلارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسى، خەينەن ئارزۇسى ۋە شەخسلەر ئارزۇسى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىغا سوۋا تەقدىم قىلىندى.

  1-ئىيۇن يېتىپ كېلىشى بىلەن گۇاڭشى ئىنقىلاۋى كونا ئازاد رايونلاردىكى بەيسې، چوڭزو قاتارلىق قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، گۇاڭشى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېڭ شياۋپىڭ ئىزىنى بويلاپ سەپەر، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى بويلاپ مېڭىش قاتارلىق قىزىل ساياھەت لىنيەلىرى ئىنتايىن ئالقىشلاندى. گۇاڭشى نىڭتې ساياھەت مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 1-ئىيۇن كۈنى نەننىڭدىن بەيسې رايونىغىچە قاتنىغان 4 پويىزنىڭ ھەممىسىگە ساياھەتچىلەر توشۇپ كەتكەن.

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقى ۋە 20-ئاپرېل لۇشەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى يېقىندا چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا 30 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 50 نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، 80 ئىلغار كوللىكتىپ، 260 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى.

  بىرقانچە كۈندىن بۇيان، لاسا شەھىرى چېڭگۈەن رايونىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى بەنزىسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاھالىلەر ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، 26-ئىيۇن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى يېزىلاردىكى ياردەم بېرىش ئوبيېكتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، يېزىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاپ، مېھرى شەپقەت يەتكۈزدى، 27- ۋە 28-ئىيۇن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن تېخنىكا نازارىتى ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئايرىم ئايرىم ئاساسىي تېمىلىق لىكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە قايتىدىن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقاتىنى يەنىمۇ چىڭىتىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل