باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەنى نازارەت قىلىش دەرىجىسى بىلگەنلىرىمىزدىن يۇقىرى

2013.07.02 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى گېرمانىيەنىڭ تېلېفون ۋە ئېنتېر تورىنى نازارەت قىلىش دەرىجىسى كىشىلەرنىڭ بىلگىنىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.

  مەخپىي ھۆججەتتىن مۇنۇلار ئايان بولدى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باش ئورگىنى ھەمدە ۋاشىنگتون ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق ئىمارەت ئىچىگە نازارەت قىلىش ۋە ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش ئۈسكىنىسى ئورناتقان شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن كومپيۇتېرلارغا سىڭىپ كىرگەن، بۇ خىل نازارەت قىلىش ۋە تورغا سىڭىپ كىرىش بەش يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق تېخنىكا ھۆددىگە ئالغۇچى خادىمى سىنودىن نۇرغۇن تاراتقۇغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۇقرالار ھەمدە ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئېنتېر تورى ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىپ ئوغرىلۇقچە ئاڭلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، پرىزما تۈرى مۇشۇ ئارقىلىق پاش بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نامى بىلەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە يۈكسەك دىققەت ئېتىبارنى ۋە كەڭ دائىرىدە مۇنازىرە قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە