باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىررىي پەلەستىن-ئىسرائىلىيەگە قىلغان بەشىنچى قېتىملىق ياراشتۇرۇش سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى

2013.07.02 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي 30-ئىيۇن ئۆزىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى بەشىنچى قېتىمقى ياراشتۇرۇش زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. كىررىينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش مەسىلىسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى، لېكىن ئۇ زىيارەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئالدىدا مېنىڭ ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىم بەزى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى دېدى.

  كىررىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ بەزى زور مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، گەرچە بەزى تەپسىلاتلار ھەققىدە يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭىشىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن مەن يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنىڭ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كىررىي شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتى ئاز قالدى، ناۋادا تىنچلىق سۆھبىتىنى يەنە باشلىمىسا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ يەنىمۇ ئازىيىپ، دۈشمەنلىشىش داۋاملىق ئېغىرلاپ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ پۇرسىتى قالمايدۇ。

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە