باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق بىر ئەر ھەربىي ئوفىتسىر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ 150 دانە قول تېلفونىنى ئالداپ كەتتى

2013.07.02 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالاقە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇنx ھەقسىز تېلىفون سېتىۋېلىش تەرتىپىگە ناھايىتى تونۇش بولۇپ، تەييارغا ھەييار بولۇپ بېيىش ئۈچۈن، ھەربىي ئوفېتسىر نامىدا شىنجاڭدىكى بىر ئالاقىلىشىش شىركىتىدىن 150تال ئالما تېلفونىنى ئالداپ كەتكەن.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسنىڭ ئىقتىسادىي رازۋېتكا 2- تارماق ئەتىرىتى ساقچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 2012-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭدىكى بىر ئالاقە شىركىتى ئۇلارغا دىلو مەلۇم قىلغان، دىلو مەلۇماتىدا بىر ئەر ھەربىي ئوفېتسىىر قىياپىتىدە قىممىتى 900مىڭ يۈەنلىك 150تال ئالما تېلىفونىنى ئالداپ كەتكەن دىيىلگەن. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە ھەربىي ئوفېتسىر يالغان بولۇپ، 2013-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى جىنايەت گۇماندارى سۇنx ئۈرۈمچىدە قولغا چۈشكەن.

  31ياشلىق سۇنxنىڭ تاپشۇرۇشىچە، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ئالاقە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، تەييارغا ھەييار بېيىش ئۈچۈن ئۇ ھەقسىز تېلفون سېتىۋېلىش خىيالىغا كەلگەن. ئاۋال ئالاقە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نامىدا قىسىمغا بېرىپ «شىركەت ھەقسىز تېلفون سېتىۋېلىش كەسپىنى يولغا قويدى، تەشكىلسىز ۋاكالەت نومۇرلۇق ئورگان قاتارلىق كېنىشكە بىلەن تەمىنلىسىلا بۇ كەسىپنى بېجىرىشكە بولىدۇ» دەپ قىسىمنىڭ كېنىشكىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئالاقە شىركىتىگە بېرىپ گۇروھ كەسپىنى بىجىرىپ تېلفونلارنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

  دىلو بىجىرگەن ساقچىنىڭ دىيىشىچە، قىممىتى نەچچە مىڭ يۈەنلىك بىر تال تېلفوننى سۇنx پەقەت 300يۈەن ئالدىنئالا تورغا كىرىش ھەققى تاپشۇرۇپلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئاندىن ھەربىر تېلفوننى 4500يۈەندىن 4550 يۈەنگىچە باھادا سېتىپ چىقىرىدۇ.

  ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان ھەربىي ئوفېتسىر نامىدا ئالاقە شىركىتىنى ئالداش دىلوسىدىن باشقا ئۇلار يەنە شەخسىي شىركەت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالاقە شىركىتىدىن تېلفون ئالداپ ئېلىش دىلوسىنىمۇ تاپشۇرۋالغان بولۇپ،ئالدامچىلىق نەيرىڭى ھەربىي ئوفېتسىر قىياپىتىگە كىرىۋالغان دىلو بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئوخشاشلا ئاۋال شەخسىي شىركەتنىڭ سودا ئىجازەتنامىسنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يالغان تامغا ياساپ، ئالدامچىلىق قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە