باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياسىمىچىلىق كەسپى تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى

2013.07.02 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەتچىلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزى 1-ئىيۇل سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، ئىيۇندا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %50.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 پوئېنت تۆۋەنلەپ، تۆت ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي جىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنىڭ يۈزلىنىشى بىر تەرەپتىن ئىقتىساد يەنىلا مۇقىم ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئايلىنىشىنىڭ سىلىق بولۇشىدەك ئاساسىي قېلىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا قىسمەن ئىجابىي ئامىللارمۇ كۆرۈلدى، مەسىلەن: جەمئىيەتتە ئىسكىلات زاپىسى داۋاملىق كېمىيىۋاتىدۇ؛ سېتىۋېلىش باھا كۆرسەتكۈچى يەنىلا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت يۈكى كۆرۈنەرلىك يىنىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە