باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى ئۈچ ساراي، بىر پونكىتنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى مەبلەغ بىلەن قوللايدۇ

2013.07.02 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەركەز يەرلىكتىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە بەرگەن مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنىڭ ئاساسلىق تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىغا يىلىغا 500 مىڭ يۈەن، ناھىيە دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىغا يىلىغا 200 مىڭ يۈەن، يېزا-بازار ھەر تەرەپلىمە مەدەنىيەت پونكىتلىرىغا يىلىغا 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  بۇ مەخسۇس مەبلەغنى مەركەز مالىيەسى تەسىس قىلغان بولۇپ، تولۇقلىما مەبلىغى ۋە مۇكاپات مەبلىغىگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇقلىما مەبلىغى شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە كېتىدىغان چىقىمغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىلىدۇ؛ مۇكاپات مەبلىغى گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئۆلكىلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. مەركەز مالىيەسى ئاساسىي تولۇقلىما ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەرقىي رايونغا %20، ئوتتۇرا رايونغا %50، غەربىي رايونغا %80 لىك نىسبەت بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى يەرلىك مالىيەلەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ، ئاساسىي تولۇقلىما ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولغان قىسمىغا ئېھتىياجلىق مەبلەغنى يەرلىك مالىيەلەر چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە